زارىف ئىراننىڭ ئۇرۇش باشلىغان تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئامېرىكانى بەسرە بوغۇزىدا ئىشەنچسىزلىك ئامىلى بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1257260
زارىف ئىراننىڭ ئۇرۇش باشلىغان تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلدى.

ئىران تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەۋاد زارىف نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېينى ئېرىكسون بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بەسرە بوغۇزىدا قۇرۇشنى خالايدىغان ھەربىي بىرلەشمىگە نورۋېگىيەنىڭ قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئامېرىكا بەسرە بوغۇزىدا ئىشەنچىسزلىكنىڭ ئامىلى. قاتناش ناھايىتى زىچ بولغان بۇ رايوندا ۋەقە يۈز بېرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقىمىز لازىم» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ھۇرمۇز بوغۇزىدا دېڭىز بىخەتەرلىكى بولسا، جەبىلتارىق بوغۇزىدىمۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، دېڭىز بىخەتەرلىكىدە رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە بەسرە بوغۇزىدا ھەربىي كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىككە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ نورۋېگىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە، ھۇرمۇز بوغۇزىنىڭ يېرىمىنىڭ ئىران كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، ئىران بولماي تۇرۇپ، ئۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىراننىڭ رايوندا ئۇرۇش باشلىغان تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ زىيارىتى دائىرىسىدە، نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر