رۇسىيەدە بىر ئامېرىكا پۇقراسى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىندى

رۇسىيەدە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا تاشلانغان ئامېرىكا پۇقراسى پائۇل ۋېلاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.

1257463
رۇسىيەدە بىر ئامېرىكا پۇقراسى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادىكى لېفورتوۋېسكى سوت مەھكىمىسى، ۋېلاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىنى 29 ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىشقا ھۆكۈم قىلدى.

پائۇل ۋېلان ئالدىنقى يىلى دېكابىردا موسكۋادا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، رۇسىيە فېدېراتىسيە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى «FSB» تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان، كېيىن مەھكىمە قاماققا ئېلىش جازاسى بەرگەندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى قېتىم پائۇل ۋېلاننىڭ 29 - ئاۋغۇستقىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشى كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر