سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئەرلىرىدىن رۇخسەتسىز چەت ئەللەردە ساياھەت قىلالايدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ ئەر كاپالەتچىلىرىدىن رۇخسەتسىز چەت ئەللەردە ساياھەت قىلالىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

1255990
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ئەرلىرىدىن رۇخسەتسىز چەت ئەللەردە ساياھەت قىلالايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر مەسئۇلنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، پاسپورت ۋە ئائىلە ئىشلىرى ئىدارلىرى بىلەن بۇلارنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى بارلىق شۆبىلىرىدە مەزكۇر بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېڭى بەلگىلىمە جەھەتتە مەسىلىگە ئۇچرىغانلارنىڭ مۇناسۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2ئاۋغۇستتا رەسمىي گېزىتتا ئېلان قىلىنغان قارارنامىدە، ئاياللارغا دادىسى، يولدىشى، ئاكا ئۇكىسى ۋە ھەتتا ئوغۇللىرى قاتارلىق كالەتچىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، پاسپورت ئېلىش ۋە چەت ئەللەرگە ساياھەتكە بېرىش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھەق ھوقۇق بېرىش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق ياشتىكى ئاياللار ۋە 21 ياشتىن كىچىك ئوغۇللار چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىقىش ئۈچۈن چوڭلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى شەرت ئىدى.

بۇ بەلگىلىمىدە يەنە، توي قىلغان ئاياللارنىڭ ئولتۇراق ئادرىسىنىڭ چوقۇم يولدىشىنىڭ ئادرىسى بويىچە قەيت قىلىنىشى كېرەك بولۇپ، بۇ شەرتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

بۇ بەلگىلىمە يەنە، ئاياللارغا تۇنجى تۇغۇتى، توي قىلىش، ئاجرىشىش ۋە رەسمىي ئائىلە رەسمىيەتلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق كىچىك بالىسىغا ئۆزى ئىگە بولۇش قاتارلىق ھەق ھوقۇقلارنىمۇ بېرىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر