ھافتەر كۈچلىرى بىلەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بەردى
لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەر بىلەن دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق جەڭچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
1255869
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى قوماندانلىرىدىن مۇھەممەد ئەلمۇفتى نوۋا خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ھافتەرگە قاراشلىق بەزى كۈچلەرنىڭ ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئەين زارا رايونىدا ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بىراق، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد ئەلمۇفتى، ھافتەر كۈچلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلگەن مەزكۇر توقۇنۇش نەتىجىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەين زارا رايونىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ھافتەر كۈچلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنادا ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرى چىڭىتىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھەربىي سەپەرۋەرلىك شەرتلىرىنى چىڭىتىش قانۇنىنى تەستىقلىدى.