بۇركىنافاسودا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 24 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى
بۇركىنافاسونىڭ شىمالىدىكى سوئۇن ئۆلكىسىدە ئالدىنقى كۈنى بىر ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 24 ئەسكەر ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنافاسو مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارمىيە بايانات بېرىپ، ئالدىنقى كۈنى كېچىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كوئۇتوگو بازىرىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 24 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 7 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بۇركىنافاسو پىرېزىدېنتى كىرىستىيان كابورې، ھۇجۇمدىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىردى. ئۇ يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇركىنافاسو، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان رايونلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ» دېدى.
پىرېزىدېنت كابۇرې، ۋەقەگە «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەردى ۋە بۇنىڭ ئارمىيە تارىخىدىكى بىر قارا داغ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.