ئامېرىكا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش ئورنىغا كېتىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1255166
ئامېرىكا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش ئورنىغا كېتىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئىدلىبتا ھاسىل قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ھالىتىگە دەرھال قايتىشى كېرەك. (تۈنۈگۈن) تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان خائىنلارچە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، پۇقرالار، ئىنسانىي ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە بىنالار رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئاخىرلىشىشى كېرەك بولغان بۇ زوراۋانلىقنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش ئورنىتىغا كېتىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان؛ ۋەقەدە 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 12 پۇقرا يارىلانغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئارقا سەپ يوللىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئارقا سەپ يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش ۋە رايوندىكى پۇقرالار، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش مەقتىسىدە 19 – ئاۋغۇست سائەت 05:30 دا ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن رۇسىيە تەرەپكە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، رايونغا ئەسكەر يۆتكەش خىزمىتى باشلىدى. مەزكۇر ئەسكەرلەر بەلگىلەنگەن نۇقتىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئەسنادا (يەنى) سائەت 08 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھۇجۇمدا ۋەقە رايونىدىكى 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 12 پۇقرا يارىلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇجۇمنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تېگىشلىك چارە –تەدبىرلەرنىڭ دەرھال يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر