فەيسبۇك بىلەن تۋىتتېر يالغان خەۋەر تارقاتقان بەتلەرنى تاقىدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى بولغان فەيسبۇك بىلەن تۋىتتېر خىتاينى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، يۈزلەرچە ئادرېسنى تاقىدى.

1255058
فەيسبۇك بىلەن تۋىتتېر يالغان خەۋەر تارقاتقان بەتلەرنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرى بولغان فەيسبۇك بىلەن تۋىتتېر خوڭكوڭ نامايىشلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

 تۋىتتېر ئېلان قىلغان باياناتتا، 936 ئادرېسنىڭ تاقالغانلىقى، بۇنداق يالغان خەۋەر تارقىتىشنىڭ «خوڭكوڭدا سىياسىي ئىختىلاپ پەيدا قىلىش» نى مەقسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردە، يالغان خەۋەر تارقىتىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۋىتتېردىن كېيىن فەيسبۇكمۇ خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ساختا ئادرېس ۋە بەتلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان قانۇن-تەكلىپ لايىھەسى 3-ئاپرېل پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

قانۇن تەكلىپ-لايىھەسى سىياسىي جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ، ئەمما 7.4 مىليون خوڭكوڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى كىشىلەرنىڭ خىتاي سوت تۈزۈمى ئاستىدا قالايمىقان قولغا ئېلىشلارغا، ئادىل بولمىغان سوت باسقۇچلىرىغا ۋە ھەتتا قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئەندىشەلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر