ئىيوردانىيەدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھىم چاقىرىق

ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا يولغا قويۇۋاتقان سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1254659
ئىيوردانىيەدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھىم چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى ئەيمەن ئەسسافەۋى، پايتەخت ئامماندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىتى ئاستىدىكى قۇددۇستا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ۋە بۇ ھەقتە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ  قۇددۇستا يولغا قويۇۋاتقان سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئەسسافەۋى، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىگە، مۇسۇلمانلار ھەم خىرىستىيانلارغا ئائىت مۇقەددەس جايلارغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇقەددەس جايلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ھەم خىرىستىيانلارنىڭ قاتتىق غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەيتۇللەھىمدە ئالدىنقى كۈنى بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، شەرقىي قۇددۇستىكى ئەبۇ دىس ۋە ئەلئەيزەرىيەە رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 15 پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر