ئىمران خان ھىندىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى چاقىرىق قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خەلقئارا جەمئىيەتكە يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قورال سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەندىن كېيىن، يادرو ئوق-دورا ئىسكىلاتى ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

1254490
ئىمران خان ھىندىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «دۇنيا، فاشىست ۋە ئىرقىي ئايرىمىچى ھىندى مىللەتچىسى مودى ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى يادرو ئوق-دورا ئىسكىلاتى ھىندىستاننىڭ بىخەتەر لىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ رايونغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا تەسىر قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھىندىستان يادرو ئوق-دورا ئىسكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئۇ 4 مىليون مۇسۇلمان ھىندىستانلىقنىڭ پۇقرالىقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 9 مىليون كەشمىرلىكنىڭ ھىندىستاننىڭ ئۇچۇر-ئالاقە چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىڭ راجاستان ئىشتاتىنىڭ پوخران شەھىرىدىكى يادرو سىناق مەركىزىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ھىندىستاننىڭ يىللاردىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن «يادرو قورالىنى ئىشلەتكەن بىرىنچى دۆلەت بولماسلىق» سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ھىندىستان 2003-يىلى ئېلان قىلغان يادرو نەزەرىيەسى دائىرىسىدە، يادرو قوراللىرىنى پەقەت دۆلەت زېمىنلىرىدا ياكى ھەر قانداق يەردىكى ھىندىستان ھەربىي كۈچىگە قىلىنىشى مۇمكىن بولغان يادرو ھۇجۇمىغا قارشى جاۋاب مەقسىتىدە ئىشلىتىشنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە، خىمىيەلىك ياكى بىئولوگىيەلىك ھۇجۇملىرىغا قارشى جاۋاب بېرىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نەزەرىيە يەنە، ھىندىستاندىكى ھۆكۈمەتلەرگە، مەنبەسى ئىشەنچلىك، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك نىسبەتتە يادرو كۈچ بەرپا قىلىش ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

ھىندىستاننىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيەسى 2014-يىلى ئېلان قىلغان سايلام خىتابنامىسىدا، ھىندىستان يادرو نەزەرىيەسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى ۋە يېڭىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلىنغان، ئەمما 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر