بەششار ئەسەد قىسىملىرى خان شەيخۇن چېگراسىغا يېقىنلاشتى

رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا ئىدلىب كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا شەھەرنىڭ جەنۇبىدا ئىلگىرىلىگەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى، خان شەيخۇن ناھىيەسىنىڭ چېگراسىغا يېقىنلاشتى.

1254539
بەششار ئەسەد قىسىملىرى خان شەيخۇن چېگراسىغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ھاما ئەتراپىدا ئىلگىرىلىگەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى، ھابىت بازىرىنى، سۇكەيك ۋە تېرى ئېگىزلىكلىرىنى، كەفرەيدۇن ۋە سابباغىيە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بىلەن خان شەيخۇن ناھىيەسىنىڭ چېگرالىدىكى كىرىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان فاكىرنى قولغا كىرگۈزدى.

بۇنىڭ بىلەن، خان شەيخۇن ناھىيەسىنى غەرب تەرەپتىن قورشاشقا ئۇرۇنغان بەششار ئەسەد كۈچلىرى، ناھىيە چېگراسىغا 500 مېتىر يېقىنلاشقان بولدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە كىرالانغان ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى، خان شەيخۇننىڭ ئىچىدىن ئۆتىدىغان ھەلەب-دەمەشىق 5-م تاشيولىنى كېسىپ تاشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.

خان شەيخۇن ناھىيەسى 2017-يىلى 4-ئاپرېل بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇمىدا 100 كىشىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا 7-ئاپرېل بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شايرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. ب د ت بىلەن خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتى 2017-يىلى 27-ئۆكتەبىر خىمىيەلىك ھۇجۇمنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى توغرىلىغان ئىدى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران 2017-يىلى 4-5-ماي كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا خان شەيخۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، خان شەيخۇن ئىزچىل ھالدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

خان شەيخۇننىڭ تەخمىنەن 10 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان مورىك ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر كۆزىتىش نۇقتىسى بار.

سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرى ھۇجۇملارنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەن ئەھۋالدا مورىكتىكى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر