ئارقا مەھەللىدىكى ئوت ئاپىتى 50 مىڭ ئادەمنى ئۆي - ماكانسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككانىڭ مىرپۇر رايونىدىكى بىر ئارقا مەھەللىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتى 50 مىڭ ئادەمنى ئۆي – ماكانسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

1254139
ئارقا مەھەللىدىكى ئوت ئاپىتى 50 مىڭ ئادەمنى ئۆي - ماكانسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داككانىڭ «چالانتىكا» ئىسىملىك ئارقا مەھەللىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتى تۈپەيلى 15 مىڭ ئۆي – ماكان پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. رايوندىكى ئۆي – ماكانلارنىڭ ئۆگزىلىرىنىڭ پىلاستىك ماددىلاردىن ياسالغان بولۇشى ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىدى.

ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئوت ئاپىتى 125 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ 6 سائەتلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تىزگىنلەندى؛ ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.

نامراتلار ياشايدىغان مەزكۇر ئارقا مەھەللىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى قۇربان ھېيت تۈپەيلى باشقا جايلارغا كەتكەنىدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ئۆي – ماكانسىز قالغان مىڭلارچە كىشىگە ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باڭلادېشتا فېۋرال ئېيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىمۇ 80 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر