جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا بومبا پارتلاپ ئىككى ئەسكەر ئۆلدى

پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا يول بويىچە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 2 ئەسكەر ئۆلدى.

1254237
جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا بومبا پارتلاپ ئىككى ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جەنۇبىي ۋەزىرىستاننىڭ لادھا رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا يول بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، 2 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئالمىغانلىقى، بىراق بۇ خىل ھۇجۇملارنى بۇنىڭدىن بۇرۇن پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي ۋەزىرىستان پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى رايوندىكى ئاكتىپ ھەرىكىتىگىچە بولغان جەرياندا مەسئۇد تەشكىلاتىنىڭ قەلئەسى، دەپ قارىلاتتى.

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كېتتا شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 20 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر