ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن ئىكىكنچى ھەرىكەت باشلاندى

بىرما بىلەن باڭلادىش زوراۋانلىقلاردىن قاچقان مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ، باڭلادىشتىكى لاگېرلاردىن بىرماغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشى ئۈچۈن ئىككىنچى ھەرىكەتنى باشلىدى.

1253671
ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن ئىكىكنچى ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى (UNHCR) ئېلان قىلغان باياناتتا، باڭلادىش تەرىپىدىن 22 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ئىسمىنىڭ بىرماغا ئەۋەتىلگەنلىكى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلاردىن 3500 كىشىنىڭ قايتىشىنى تەستىقلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باڭلادىش مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە يۇرتىغا قايتىش كومىسسارى ئابۇل كالام باڭلادىش پايتەختى داككادا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 3500 كىشىنىڭ كىملىكلىرىنىڭ بىرما تەرىپىدىن توغرىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسمى بىرما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خالىسا بىرماغا قايتالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەركىزى ئاۋستىرالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ 2018-يىلى دېكابىردىن 2019-يىلى ئىيۇنغىچە سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان دوكلاتىدا، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

2018-يىلى نويابىردا 2 مىڭ ئەتراپىدا ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ بىرماغا قايتىش پىلانى، مۇساپىرلارنىڭ ب د ت نىڭ قوغدىشى بولماستىن بىرماغا قايتىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان ئىدى.

ب د ت بالىلار فوندى 900 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان باڭلادىشتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن، بىرما ھۆكۈمىتىگە كېرەكلىك شارائىتلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر