شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىزغا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1253545
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىدە ئىككى دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى، بومبىلارنىڭ 30 كىلومېتىر ئېگىزلىككە ئۇلاشقاندىن كېيىن، 230 كىلومېتىر ئۇچۇپ، ياپونىيە بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي دېڭىزغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىشكە تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېنغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ۋە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئىختىلاپلارنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن (16-ئاۋغۇست) كى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، 2019-يىلى 25 –ئىيۇلدىن بۇيان قىلغان ئالتىنچى سىنىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ياكى ئىقتىسادىي دېڭىز تەۋەلىكىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «KCNA» ئاگېنتلىقىنى ئاساس قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئويى يوق بولۇپ، ئۇچرىشىشلارنى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مانېۋىرى ئاخىرلاشقاندا قايتا باشلاشنى ئويلاش بىمەنە ئىكەن.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن سېئۇل ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن قىلىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا «مۇۋاپىق سەۋەب» كۆرسەتمىگەندە، دىيالوگنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر