رۇسىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولدى

رۇسىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولۇپ، 23 كىشى يارىلاندى.

1252919
رۇسىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ ۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئاگېنتلىقى < Rosaviatsia> نىڭ مەلۇماتىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا بېسىۋېلىنغان قىرىمنىڭ سىمفېروپول شەھىرىگە قاراپ جۇكوپۋىسكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان < A321> ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن بىر توپ قۇشلارغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى قۇناقلىققا جىددىي قونغان.

234 يولۇچىسى ۋە 7 كىشىلىك خادىمى بار بولغان ئايروپىلاندىكى 9 ى بالا  بىلەن بىلەن قوشۇلۇپ 23 كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر