مودى جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاقلىدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىدا ھۆكۈمەتنىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقلىرىنى ئاقلىدى.

1252873
مودى جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى پايتەخت يېڭى دېھلىنىڭ مۇغال ئېرا رېد فورت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستاننىڭ بىرىتانىيە ئىمپېراتورلۇقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 72-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ ئاساسىي قانۇننىڭ 370-ماددىسىدا جاممۇ كەشمىرگە بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازنىڭ، رايوندا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى؛ ئاياللارنىڭ رايون سىرتىدا بىرى بىلەن توي قىلغان ئەھۋالدا مىراسخورلۇق ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادالەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «جاممۇ كەشمىر بىلەن لاداختىكى كونا تۈزۈم چىرىكلىك ۋە نېپوتىزمغا يول ئېچىپ بېرەتتى. ئاياللار، بالىلار، سەرگەردانلار ۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ئادىل ئەمەس ئىدى» دېدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى جاممۇ كەشمىردە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ نورمال بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بولسا، رايوندا ئىنتېرنېت، يانفون ۋە مۇقىم تېلېفونلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يوللاردا ھازىرمۇ بىخەتەرلىك توسۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھىندىستان 5-ئاۋغۇست يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە جاممۇ كەشمىرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ 370-ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ھىندىستاندا جاممۇ كەشمىرنى ئىككىگە بۆلگەن قانۇن تەكلىپ لايىھەسى فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى بولغان ئىشتاتلار مەجلىسىدە، ئارقىدىن تۆۋەن پالاتاسى بولغان خەلق مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر