گېرمانىيە باش مىنىستىرى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختالغاندا، خەلقنىڭ 1997-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن پەيدا بولغان ھەق-ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1252740
گېرمانىيە باش مىنىستىرى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا (Gitanas Nauseda) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «زوراۋانلىقلاردىن يىراق تۇرۇش ۋە دىيالوگ رامكىسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ دىيالوگنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ دىيالوگنىڭ خوڭكوڭدا كۈچكە ئىگە بولغان قانۇنلار ئاساسىدا ئەمەلگە ئېشىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان فىنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنلىرىدا، ھۇرمۇز بوغۇزىدا سودا پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ كونكرېت شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، فىنلاندىيەنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئامېرىكانىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل (Richard Grenell) نىڭ گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى پولشاغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسدا تەھدىت سالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «مەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ ناھايىتى ياخشى جايلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئۇ يەرلەرگە كۆپ مەبلەغ سېلىندى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ گېرمانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ «ياخشى سەۋەبلىرى» بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 نى مۇداپىئەگە ئىشلىتىش نىشانىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ توغرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «گېرمانىيەنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ئارمىيەدە نۇرغۇن مۇھىم ياخشىلاشلارنى ئېلىپ باردۇق. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەر قانداق يەردىن كەلگەن بۇيرۇق ئەمەس. بۇ باراك ئوبامانىڭ دەۋرىدە چىقىرىلغان قارار، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دەۋرىدە ئەمەس» دېدى.

ئۈچ ھەپتىلىك دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەن مېركېل ئۈچۈن، بۇرۇن كۆرۈلگەن سالامەتلىك ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا تەدبىر ئېلىندى. مېركېل بىلەن گىتاناس ناۋسېدا كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلغاندا ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر