ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1251943
ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ ۋە قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قاتارلىق رەھبەرلەرگە تېلېفون قىلىپ، قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن، مەزكۇر رەھبەرلەرمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر