زەرىف قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف  قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن ئالسانى بىلەن  بىر يەرگە جەم بولدى.

1251695
زەرىف قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت دوھادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇنچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى  شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن ئالسانى بىلەن  بىر يەرگە جەم بولغان. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق لايىھەلەر ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر