ترامپ: كىم جوڭئۇن كەچۈرۈم سورىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆزىگە مەكتۇپ يوللاپ، قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

1251354
ترامپ: كىم جوڭئۇن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «كىم جوڭئۇن ماڭا يوللىغان مەكتۇبىدا، قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئۈچۈن كۈچۈرم سورايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا – جەنۇبىي كورېيە قوشما ھەربىي مانىۋېرى ئاخىرلاشقان ھامان مۇزاكىرىلەرگە باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلەن پات يېقىندا كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. يادرو قوراللىرى بولمىغان شىمالىي كورېيە، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باياناتلىرى، ئىككى رەھبەرنىڭ ھەر يىلى سېنتەبىر ئېيىدا نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا بىر يەرگە جەم بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار ئانالىزلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر