پېنتاگون ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى سېن روبېرتسون (Sean Robertson) ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەسىس قىلىنىدىغان رايون مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

1250384
پېنتاگون ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سېن روبېرتسون سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەسىس قىلىنىدىغان رايون توغرىسىدا «بىخەتەر رايون» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەن باياناتىدا: «بۇ ھەپتە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئۇچرىشىشلاردا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يوللۇق بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى تۈگىتەلەيدىغان، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەقسىتىمىز پىلانلاشنى ۋە ئىجرا قىلىشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئامېرىكا-تۈركىيە ئورتاق ھەرىكەت مەركىزىنى قۇرۇش. بىخەتەرلىك مېخانىزمى پەيدىن-پەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئامېرىكا بەزى قەدەملەرنى دەرھال بېسىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرنى تۈركىيە بىلەن داۋاملىق  سۆزلىشىۋاتىدۇ» دېدى.

5-ئاۋغۇستتىن 7-ئاۋغۇستقىچە ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىدىغان بىرىنچى باسقۇچتا يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق ئىجرا قىلىنىشى، بۇ رامكىدا بىخەتەرلىك رايوننى تەسىس قىلىپ ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەدە ئورتاق ھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىك رايوننىڭ تىنچلىق كارىدورى بولۇشى ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىلاۋە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر