ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇساپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئەنگلىيە بىلەن يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1249814
ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب (Dominic Raab) بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رابنىڭ ئامېرىكانى رەسمىي زىيارەت قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇساپىسى بىلەن تەڭ ئەنگلىيەنى قوللاشنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىل قارارىنى قوللايمىز، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئىشىكنىڭ ئالدىدا قولىمىزدا قەلەم بىلەن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا تەييار ھالەتتە تۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ھۇرمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ قارارى بىلەن دېڭىز بىخەتەرلىك كۈچى تەشكىللەش ھەرىكىتىگە ئەنگلىيەنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر