رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ئىقتىسادىي تېررورىزمدۇر، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار توختىتىلىشى كېرەك» دېدى.

1249038
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا (Mariya Zaharova) مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدە، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنىي پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى خەلقنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ۋاشىنگتون ۋېنېزۇئېلادا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ۋېنېزۇئېلا خەلقى، بولۇپمۇ كېسەللەر ۋە ياشانغانلار چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئېمبارگو سەۋەبىدىن ۋېنېزۇئېلادا 40 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. خەلقنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى ۋاشىنگتون تەلەپ قىلغان رەھبەرنى قوللىغانلىقىدۇر» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنىي ھۆكىۈمىتىگە قارشى ئىقتىسادىي تېررورىزم بىلەن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (6-ئاۋغۇست) ئىمزالانغان قارارنامە بىلەن، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكادىن كاراكاس بىلەن بېجىرىلىدىغان ئىقتىسادىي رەسمىيەتلەرمۇ رەسمىي توختىتىلغان بولدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى قانۇنىي پىرېزىدېنت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. 2019-يىلى يانۋار ئېيىدا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى خۇەن گۇايدونى يېقىندىن قوللاپ كەلمەكتە.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر