ئامېرىكا خىتاينىڭ نېمە دېيىشىگە قارىماستىن، تىنچ ئوكيانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر پات يېقىندا تىنچ ئوكيان رايونىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1247444
ئامېرىكا خىتاينىڭ نېمە دېيىشىگە قارىماستىن، تىنچ ئوكيانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچ كېلىشىمىدىن تۈنۈگۈن رەسمىي چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئاۋستىرالىيەگە زىيارەتكە مېڭىش ئالدىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن بايانىدا تىنچ ئوكيان رايونىغا بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مارك ئېسپېر «توغرىسىنى ئېيتسام كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايمىز. مېنىڭچە بولغاندا، مۇشۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا» دېدى.

مارك ئېسپېر ئامېرىكىنىڭ بۇ قەدىمىگە خىتاينىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئۇلارنىڭ ئارمىيە قوراللىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن تەشكىل تاپىدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭمۇ ئوخشاش سەۋىيەدە قورال تەلەپ قىلىشىمىز ئۇلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماسلىقى لازىم» دېدى. 

ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇساپىنىڭ ئۇزاقلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئۆتكۈر ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مارك ئېسپېر، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىتىپاقداشلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مارك ئېسپېر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2010يىلى ئىمزالانغان ۋە مۇددىتى 2021يىلى فېۋرال ئېيىدا توشىدىغان يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قوراللارنىڭ سانىنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزايتىشنىڭ مەنتىقلىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا يادرو كۈچلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە كېلىشىمنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى قورال تۈرلىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  

مارك ئېسپېر يېڭى بىر قوراللىنىش رىقابىتى باشلىنىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ ھەم ياۋروپانى، ھەم تىنچ ئوكياننى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن 1987يىلى ئىمزالىغان مۇساپىسى 500 كېلومېتىردىن 5500 كېلومېتىرغىچە ۋە ياردو ئوق بېشى توشىيالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مەنئىي قىلىنىشىنىغا دائىر «ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچ كېلىشىمى» دىن تۈنۈگۈن چېكىنىپ چىققانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى. 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر