خوڭكوڭدا نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىدى

خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئون مىڭلىغان نامايىشچىلاردىن بىر گۇرۇپا كىشىلەر تارىخىي ۋىكتورىيا پورتىدىكى چوڭ خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىدى.

1247548
خوڭكوڭدا نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خوڭگوڭدا نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان كۈندۈز ۋاقتىدا قارا كېيىملىك 4 نامايىشچى ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنىڭ تۈۋرىكىگە ياماشىپ چىقىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغان.

خەۋەردە، ئاندىن نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئالدىن بەلىگەنگەن يوللاردىن ھالقىغان ھالدا يۈرۈش قىلماقچى بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار مۇداخىلە قىلىپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ شەھەرنىڭ ئانا يوللىرىنى توسۇپ، يېشىكلەرگە ئوت يېقىپ، توساقلارنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ناتھان يولى كوچسىغا توپلاشقان نامايىشچىلارنىڭ تسىم شا تىسۇي ساقچى مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشنى باشلىشى بىلەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

نامايىشچىلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ دەرۋاسى ئالدىدا يېشىكلەرگە ئوت قويغانلىقى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرىۋالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يەنە بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا مولوتوپ (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ۋەقەدە، بىر قانچىلىغان نامايىشچى نازارەتكە ئېلىنغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە يولدىلا نامايىش قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان  

خوڭكوڭدا كېسىم ئېلان قىلىنغان ياكى جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزۇلغان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپى 3 – ئاپرىلدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى، خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا خالىغانخە قولغا ئېلىش، ئادالەتسىز سوت قىلىش ۋە ھەتتا قېيىن - قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەگەر بۇ قانۇن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋىلىشتەك نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررې لام 15 – ئىيۇندا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىداۆ قانۇن تەكلىپىنىڭ خوڭكوڭدىكى چوڭ پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە خەلقتىن كەچۈرۈم سوراپ، بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

نامايىشچىلار بۇ قانۇن تەكلىپى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغانغا قەدەر نامايىشلىرىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر