دونالد ترامپ دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇدىرىلىقىغا كۆرسەتكەن نامزاتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى «DNI» نىڭ مۇدىرىلىقىغا ئۆزى نامزات كۆرسەتكەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پالاتا ئەزاسى جون راتكلايفنى ئەمدىلىكتە نامزاتلىقتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1247210
دونالد ترامپ دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇدىرىلىقىغا كۆرسەتكەن نامزاتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، جون راتكلايفنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى «DNI» نىڭ مۇدىرىلىق نامزاتلىقى مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ مېدىيانىڭ جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسىغا ئىنتايىن ناھەق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئايلارغىچە داۋاملىشىدىغان تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەردىن بەكرەك، جون راتكلايفقا بۇ خىل كىشىلەرگە ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرۈشنىڭ ھەم ئائىلىسىنى ۋە ئۆنى قانداق ئۇپرىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. جون راتكلايفمۇ ئېسىل بىر ئىش قىلدى. پالاتادا تۇرۇۋېرىش قارارىغا كەلدى. پات يېقىندا دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى «DNI» نىڭ مۇدىرىلىقىغا يېڭى نامزاتنى ئېلان قىلىمەن» دېدى.

جون راتكلايفمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنى نامزاتلىققا لايىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ترامپقا رەخمەت ئېيتتى ۋە ھازىرقى شارائىتتا پالاتادىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر