ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا بۈگۈن (2-ئاۋغۇست) ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمى (INF) دىن رەسمىي چېكىندى.

1247057
ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ ئالتە ئاي بۇرۇن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە توختىماي خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن 1987 -يىلى 8-دېكابىر ئىمزالىغان مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

كېلىشىمنىڭ 15ماددىسى بويىچە، ئامېرىكانىڭ چېكىنىشىنىڭ، «رۇسىيەنىڭ <SSC-8> ياكى <9M729> تىپلىق قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يوقىتىپ، كېلىشىمگە تولۇق رېئايە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ» سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، كېلىشىمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ رۇسىيە كېلىشىمگە خىلاپ بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ياسىدى، سىناق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئەندىشەلىرىنى 2013-يىلى رۇسىيەگە يەتكۈزدى. رۇسىيە بولسا، سىستېمىلىق ھالدا ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە بويسۇنۇش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلدى. ئامېرىكا ناتو ئەزالىرىنىڭ تولۇق قوللىشى ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە تۈپتىن خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بېكىتتى ۋە كېلىشىمدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى توختاتتى. ئامېرىكا يېقىنقى ئالتە ئايدا رۇسىيەگە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. رۇسىيە بۇرۇنقى يىللاردا قىلغىنىغا ئوخشاش، كېلىشىمدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قولىدا تۇتۇش يولىنى تاللىدى.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر