تايلاندتا بۈگۈن 4 قېتىم ئايرىم - ئايرىم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا كوچا تازىلىقى قىلىۋاتقان ئىككى كىشى يارىلاندى.

1246939
تايلاندتا بۈگۈن 4 قېتىم ئايرىم - ئايرىم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن (2-ئاۋغۇست) شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:00 دىن 09:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا، شەھەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى زىچ بولغان مەركىزىي رايوندا، 4 قېتىم ئايرىم -ئايرىم پارتلاش يۈز بەرگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ساقچىلار پارتلىغان بومبىلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تايلاند باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە شەھەر مىقياسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاش ۋەقەسىنىڭ باڭكوكتا 52نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەت تارتماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر