سۈرىيە يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە سۈرىيە ئۆكتىچى ھەيئەتلىرى چاقىرغان 13-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلدى.

1246908
سۈرىيە يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران 13-قېتىملىق كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

تەرەپلەر قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، خىتابنامىنىڭ مەزمۇنىدا كېلىشىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇردى.

قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رومان ۋاسىلېنكو، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيئىتى بىر يەرگە جەم بولغان ئاساسلىق يىغىندا، يىغىننىڭ يېپىلىش خىتابنامىسىنى ئوقۇدى.

خىتابنامىدە، تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دائېشقا، نۇسرا ئالدىنقى سېپىغا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، گولان ئېگىزلىكلىرىنىڭ ئىشغالىنى رەت قىلغان تەرەپلەر، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 497-نومۇرلۇق قارارىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەلقئارالىق قارارلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتابنامىدە، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىندى. رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ، پەقەت سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە نامايان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خىتابنامىدە، سۈرىيە ئىختىلاپىغا ھەربىي چارىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا بويسۇنۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارالىق جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ب د ت غا، سۈرىيەگە قىلىنىۋاتقان ياردەمنى كۆپەيتىشنى چاقىرىق قىلىپ، كېيىنكى قېتىملىق كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر