دائېش ئىراقتا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىدار بولدى.

1246067
دائېش ئىراقتا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىگە قاراشلىق كېلار ناھىيەسى ھاكىمى شەھاب ئاھمەد تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ كېچىدە ناھىيەدىكى كالوجا رايونىغا راكىتامىيۇت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتى. 

شەھاب ئاھمەد ۋەقەدە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىدىن 4 كىشى ئۆلۈپ 7 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

شەھاب ئاھمەد تېررورلۇق تەشكلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى چېگراسىدىكى رايونلاردا مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر