بېلگىيە سوت مەھكىمىسىدە بىر كۆچمەن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى

بېلگىيەنىڭ لېگە شەھىرىدە سوتقا ئېلىپ چىقىلغان بىر قانۇنسىز كۆچمەن سوت جەريانىدا ئۈستىگە ئوت ئالغۇچ سۇيۇغلۇق بىر ماددىنى تۆكۈپ ئۆزىگە ئۆت قويۇپ بەردى.

1246038
بېلگىيە سوت مەھكىمىسىدە بىر كۆچمەن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Brussels Times» تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 49 ياشلىق قانۇنسىز كۆچمەن سوت مەھكىمىسىدىكى سوت ئەسناسىدا ئۈستىگە ئوت ئالغۇچ سويۇغلۇق ماددىنى تۆكۈپ، ئۆزگە ئوت قويۇپ بەرگەن. سوت مەھكىمىسى ئامانلىقنى ساقلاش مەمۇرلىرى ئۆتنى ئۆچۈرۈشكە مۇداخىلە قىلغان ۋە دەرھال دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن كۆچمەننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئالاقىدار مەسئۇللار قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بېلگىيەدە رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاسانلانغاندا، ئالدىنقى يىلى 6096 كىشى، كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قارارى بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. بۇلاردىن 767 كىشى مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار قاتارىدا سانىلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر