ب د ت مۇئاۋىن كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى

ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك (Mark Lowcock) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبنى بومباردىمان قىلىشىغا قاراپ تۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

1245351
ب د ت مۇئاۋىن كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپ مارك لوۋكوك سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبنى 90 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بومباردىمان قىلىشىنىڭ «قەتلىئام» غا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى 17 يېزىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە بوشىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

مارك لوۋكوك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ ھاۋا بومباردىمانى قىلىۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەگە قارشى جىمجىت قاراپ تۇرۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ب د ت نىڭ بىر قانچە قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي بومباردىمانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ نامدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى-ئىدلىبنى 90 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بومباردىمان قىلىشى قەتلىئامغا سەۋەب بولدى» دېدى.

ئۇ سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەردىكى توقۇنۇشلار سەۋەب بولغان زىيانلارنىڭ بۇنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممە بىنالار دېگۈدەك ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋەيران بولدى. سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى 17 يېزىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە بوشىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى «ھەيەت تاھرىر شام» نىڭ ئىدلىبتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق ھەر بىر تەشكىلات ئەزاسى بار جايدا ئەڭ ئاز دېگەندە 100 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىدلىبتىكى بومباردىمانلارغا جىمجىت قاراپ تۇرۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھازىرغىچە قىلىنغان چاقىرىقلارنى كۆرمەسكە سالدى. نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسلەر ۋە كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئامغا قارشى 90 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېچنىمە قىلمايۋاتىسلەر. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت دېگەندەك، دولاڭلارنى قىسىپ قاراپ تۇرامسىلەر ياكى ئىدلىب بالىلىرىنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىپ، بىر نەرسە قىلامسىلەر؟»

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسى بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى كۆچ بىلەن نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن ئىدلىب مەركىزى، 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. ئىدلىب بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەڭ كۆپ ھۇجۇم نىشانى قىلغان رايونلاردىن بىرى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا 2019-يىلى 26-ئاپرېلدىن 12-ئىيۇلغىچە قىلغان ھەر خىل ھۇجۇملىرىدا 175 كىچىك بالا، 111 ئايال بولۇپ، جەمئىي 606 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر