ئىران بىلەن رۇسىيە ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

ئىران دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ھۇسەيىن خانزادە رۇسىيە بىلەن باسرا قولتۇقى ۋە ھۇرمۇز بوغۇزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1244542
ئىران بىلەن رۇسىيە ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ھۇسەيىن خانزادە رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىت پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە يېتىپ باردى ۋە ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» غا بايانات بەردى.

ھۇسەيىن خانزادە ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ھىندى ئوكيان، مېكران دېڭىزى، باسرا قولتۇقى ۋە ھۇرمۇز بوغۇزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ» دېدى.

گېنېرال ھۇسەيىن خانزادە ئورتاق ھەربىي مانىۋېرنىڭ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتكۈزۈلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر