خىتاي شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ھەربىي مانېۋىر باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1244106
خىتاي شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىگە قاراشلىق دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى ئېلان قىلغان دېڭىز قاتنىشى ئۇقتۇرۇشىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋە فۇجيەن ئۆلكىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەۋەلىكلىرىدە، ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈدى.

كوردىناتلىرى بېرىلگەن رايونلاردا، شەرقىي دېڭىزدىكى مانېۋىرنىڭ تۈنۈگۈن (28-ئىيۇل) كەچتە باشلانغانلىقى ۋە 1-ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدىغانلىقى؛ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مانېۋىرنىڭ بۈگۈن (29-ئىيۇل) ئەتىگەندە باشلانغانلىقى ۋە 2-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشتا، مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە قاتناشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

شەرقىي دېڭىزدىكى مانېۋىر تەيۋەننىڭ شىمالىغا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى مانېۋىر بولسا غەربىگە توغرا كەلدى.

مانېۋىردا، قانداق تەقلىدىي ئۇرۇشلارنىڭ قىلىنغانلىقى ۋە قانداق قوراللارنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر