ئەسەد ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلماقتا

ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ئولتۇراق جايلارنى ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلدى.

1243763
ئەسەد ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلماقتا

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا 6 پۇقرا ئۆلۈپ 18 پۇقرا يارىدار بولغان.

قوزغىلاڭچىلارغا تەۋە ئايروپلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەتىگەن سەھەردىن باشلاپ ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى ئەرىشا ناھىيەسى، مائارشۇرىن ۋە تەمىل يېزىسى، ھاما ۋىلايىتىگە قاراشلىق كەفەر زىتا ۋە لاتامىنە ناھىيەلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان. 

ئايروپلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا، ھامانىڭ كەفەر زىتا ۋە لاتمىنە ناھىيەلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئېرىشا ناھىيەسىدە 5 كىشى ۋە مائارشۇرىن يېزىسىدا بىر كىشى بولۇپ جەمئىي 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىغان ھەمدە 18 پۇقرا يارىدار بولغان.

ھاۋادىن قىلىنىۋاتقان قويۇق بومباردىمان سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب يېرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىغا ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پۇقرالار سانى 102 گە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر