«ئەربىلدىكى ھۇجۇم پىلانى قەندىل تېغىدا تۈزۈلدى»

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەربىلدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇم يوليورۇقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1243392
«ئەربىلدىكى ھۇجۇم پىلانى قەندىل تېغىدا تۈزۈلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ھۇجۇمنىڭ باش جاۋابكارى مەزلۇم داغ بىلەن بىرلىكتە 6 كىشى تۇتۇلغان بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار شەخسلەرنى ئاختۇرپ تۇتۇش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن.

ئەربىل دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 20 ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىسى خادىمى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورچى مەزلۇم داغ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن مۇھەممەد بىسكسىزنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەربىلدە 17 – ئىيۇل كۈنى بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى بىر دىپلومات شېھىت قىلىنغان، ئىككى ئىراق پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر