ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئافغانىستاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1242669
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ تويغا قاتنىشىدىغانلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كۋتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۈچى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 كىشى يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر