پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى توڭلىتىپ قويدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى توڭلىتىپ قويغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1242887
پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابباس پەلەسىتن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ راماللاھ شەھىرىگە جايلاشقان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى توڭلىتىپ قويغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرنى توڭلىتىپ قويدۇق، بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى  ئۈچۈن مىخانىزم شەكىللەندۈرۈلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ سۇر باھادىر رايونىغا جايلاشقان ۋادى ئەلھۇممۇس مەھەللىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۆيلەرنى چېقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن زېمىنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. بىزنىڭ خەلقىمىز ھەق – ھوقۇقلرىغا ئېرىشىەلمىگەن تەقدىردە ، نە رايوندا، نە دۇنيادا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. يىرگىنىچلىك ئىشغال دۆلىتى ھامان بىر كۈنى چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، تارىخىي دۆلىتىمىز مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ.»

پەلەسىتن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق پەلەستىن مەركىزىي كومىتېتى 2018 – يىلى ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان 30 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىمۇ، ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىسرائىلىيە تاكى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر توڭلىتىپ قويۇش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر