گۈيجۇدا تۇپراق ئاستىدا قالغان 25 كىشى تېپىلمىدى
گۈيجۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 20 گە چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي س س ت ۋ (CCTV) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرى ليۇ پانشۈي رايونىدا 23-ئىيۇل (سەيشەنبە) كېچىسى يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 تىن 20 گە چىققان.
ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، ئىككى كىچىك بالا، ئىككى بوۋاق ۋە بىر ئايالنىڭ جەسىتى تېپىلدى. ئۈچ كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، تۇپراق ئاستىدا قالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 25 كىشى تېپىلمىدى.
رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەدە رايوندىكى 23 ئۆيدىن 21 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى. رايوندا جەمئىي 77 كىشى ياشايدىغان بولۇپ، 21 كىشىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندە سىرتتا ئىكەنلىكى بايقالغان. ۋەقە يۈز بەرگەن بىرىنچى كۈندە 11 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى گۈيجۇ ئكلكىسىنىڭ خىجاڭ رايونىدىمۇ تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.