سۇداندا يېڭى بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

سۇدان، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھاشىم ئابدۇلمۇتتەلىب باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوفېتسىرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ باستۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1241989
سۇداندا يېڭى بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سۇنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھاشىم ئابدۇلمۇتتەلىب باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوفېتسىرغا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى، ئىسلام ھەرىكىتى رەھبەرلىرى ۋە بۇرۇنقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ بەزى مەنسۇپلىرى ئاۋاز قوشقان.

سۇدان ئارمىيەسى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۇدان مۇۋەققەت ھەربىي كېڭىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر