خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

يەمەندە خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ھامىس مۇشايىت شەھىرىدىكى پادىشاھ خالىد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1242210
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ باياناتچىسى يەھيا سەرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە خۇسىيلارنىڭ مېدىيا ئورگانلىرىدا تارقىتىلغان باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھامىس مۇشايىت شەھىرىدىكى پادىشاھ خالىد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ساقلىنىۋاتقان ئىسكىلاتلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەھيا سەرى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ يېقىنقى 12 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان 21 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋابەن بۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە قىسىمدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

خۇسىيلار ئالدىنقى كۈنىمۇ پادىشاھ خالىد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

يەمەندىكى خۇسىيلار يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن باشقا يەنە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. خۇسىيلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسز ھاۋا ئاپپىراتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانماقتا.

يەمەندە ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىران قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان خۇسىيلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يەمەن ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

خۇسىيلار 2014يىلى سىنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار بولسا، 2015يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ كوللىكتىپ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا.   

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر