كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى فېردەۋس فارامارز، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ كان ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان مىنىبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا 5 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسرات راھىمى بولسا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ مىنىستىرلىقنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ جەرياندا پايتەختنىڭ باشقا بىر يېرىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.