رۇسىيە خىتايغا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى S-400 لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە خىتايغا س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنى تاشلىدى.

1241682
رۇسىيە خىتايغا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى S-400 لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك مەنبەلەرنى تايانچ قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، س-400 سىستېمىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ست.پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئۇست-لۇگا پورتىدىن خىتايغا ئەۋەتىلگەن.

خەۋەردە، س-400لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش جەريانىنىڭ، تۈركىيەدىكىگە ئوخشاشلا، كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى. 

خىتاي 2014 – يىلى رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تۇنجى چەت ئەللىك خېرىدارى بولغانىدى. سىستېمىلارنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرى ئۆتكەن يىلى تاماملانغانىدى.

خىتاي ئارمىيەسى، بىرىنچى تۈركۈمدە تاپشۇرۇپ ئېلىنغان سىستېمىلارنىڭ سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ: #S-400 , #خىتاي , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر