مىسىر مىنىستىرى سىسى ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلارنى توغراپ ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالدى
مىسىر كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى نابىلە ماكرام سىسى ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى توغراپ ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەھدىت سالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى نابىلە ماكرامنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بىر يىغىندا قىلغان سۆزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.
يىغىن قاتناشقۇچىلاردىن بىرسى تەرىپىدىن قەيت قىلىنغان سىن كۆرۈنىشىدە ماكرامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى:
«بىزنىڭ پەقەتلا بىر دۆلىتىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ مىسىر. مىسىر بىزنى بىر يەرگە جەم قىلغان ۋە يىقىنلاشتۇرغان ئامىلدۇر. بىز مەيلى قەيەرگە بېرىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر ئۇ قەلبىمىزدە بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەلىبىي سۆزلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. مىسىر ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلغان ھەممەيلەن توغراپ ئۆلتۈرۈلىدۇ»
نابىلە ماكرامنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىش جەريانىدا قولى بىلەن يوينىنى كەسكەن ئىشارەتنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن يىغىن قاتناشقۇچىلار بىر ھازاغىچە ھاڭ – تاڭ بولۇپ قېلىشتى. بەزى قاتناشقۇچىلار مىنىستىرنى ئالقىشلىدى.
مىسىر كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ماكرامنىڭ تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلىرى قەيت قىلىنغان ۋىدېئونى مىسىرلىق كانادا پۇقرالىرى دېموكراتىيە بىرلەشمىسى «ECDD» ئىنتېرنېت تورلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقاتتى.
بۇنىڭغا قارىتا مىسىر كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ماكرام مىسىرلىق كانادا پۇقرالىرى دېموكراتىيە بىرلەشمىسى «ECDD» ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.
مىسىرلىق كانادا پۇقرالىرى دېموكراتىيە بىرلەشمىسى «ECDD» باشلىقى ئەھمەد ئابدۇلقادىر ماكرامنىڭ كانادادا تۇرۇپ كانادا پۇقرالىرىغا تەھدىت سېلىشىنىڭ شەرمەندىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەھمەد ئابدۇلقادىر ماكرامنىڭ تورونتودا مىسىر ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلارنى تىلىم تىلىم توغراپ تاشلاش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«چەت ئەللەردىكى مىسىرلىقلارغا بۇنداق تەھدىت سىلىۋاتقان مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىرىدىكى خەلققە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز لازىم. كانادالىق مىسىر خەلقى بولۇش سۈپىىمىز بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكلىرى ۋە باشقا سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنى تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلماقتىمىز. بىز كانادا پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن مىسىلىقلار بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئۇنى ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىنى يوللىغان دوكلاتلار ئارقىلىق ساقچىغا ئەرز قىلدۇق. كانادا دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىغا قىلىنغان ئىشلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، مىسىر مىنىستىرى ماكرامنىڭ ھۆكۈمەت تەھدىتى ۋە تەھدىتتە ئىشلەتكەن <توغراپ تاشلايمىز> دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم»