خىتايدا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1241763
خىتايدا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇيجو ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىگە قاراشلىق ليۇپەنشۈي يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 34 كىشى يوقاپ كەتكەن، 21 ئۆي ۋەيران بولغان.

ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر