بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى رەت قىلدى

بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ، پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالاشنى رەت قىلدى.

1241501
بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ، پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 1 مىليارد 200 مىليون دوللارغا 8 دانە «F-16 Block 70» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالاشنى رەت قىلدى.

بۇرۇن بۇلغارىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانى بولۇپمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن رادېۋ، پارلامېنتقا يوللىغان رەت قىلىش سەۋەبلىرى قاتارىدا «بۇلغارىيە بۇ ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك قەرز ئېلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ كېلىشىم توغرىسىدا دۆلەت ئىچىدە بىردەلىك ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

رۇمېن رادېۋ يەنە رەت قىلىش سەۋەبىنى بايان قىلىپ، سېتىۋېلىنىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ «قورال ۋە سەپلىمىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، قوشۇمچە چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

پىرېزىدېنت رادېۋ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان كېلىشىمگە ئالاقىدار قارار، پارلامېنت تەرىپىدىن قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ بېلەت تاشلاشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر