نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە نامايىش ئۆتكۈزگەن نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1240571
نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتى باياناتچىسى يەھيا ئادامۇ بايانات بېرىپ، پايتەخت ئابۇجادىكى نامايىشقا ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن سۈركىلىشتە 6 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 28 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، «لىدىرىمىز شەيخ ئىبراھىم زاكزاكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىمىزغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى» دېدى.

يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادامۇ، نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيە ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى پايتەخت ئابۇجادا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى جەريانىدا يوللارنى توسۇۋېلىپ، نىگېرىيە مەملىكەتلىك جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر