خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا خوڭكوڭغا ئۇزاتقان قولىنى كەينىگە تارتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1241102
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئېلان قىلغان خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى نامايىشلار توغرىسىدىكى يىغىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يىغىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاشقۇن قانۇنغا خىلاپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىۋاستە خوڭكوڭنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە بىر دۆلەت-ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ ئاساسلىرىغا مۇھىم خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى، ساقچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى جازالىشىنى ۋە خوڭكوڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق چەت ئەل كۈچىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدۇ. ھەر قانداق چەت ئەل كۈچىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئامېرىكاغا بالدۇرراق خوڭكوڭغا ئۇزاتقان قارا قولىنى تارتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

خوڭكوڭدا سوت تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى جىنايەتچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ خىتايغا ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) غا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، 3-ئاپرېلدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

خوڭكوڭ 1898-يىلى ئىمزالانغان شەرتنامە بىلەن ئۇزۇن يىلغىچە ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرغاندىن كېيىن، 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئىمزالانغان ئورتاق خىتابنامە رامكىسىدا، خوڭكوڭغا 2047-يىلىغىچە تاشقى سىياسەت ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە خىتاينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدىغان شەكىلدە «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى بىلەن، ئۆزىنى -ئۆزى باشقۇرۇش قوغداش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر