خىتاي بىلەن كامبودژا باش مىنىستىرى مەخپىي كېلىشم تۈزدىمۇ؟

كامبودژا باش مىنىستىرى خۇ سەننىڭ خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى خىتايغا 30 يىللىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

1240324
خىتاي بىلەن كامبودژا باش مىنىستىرى مەخپىي كېلىشم تۈزدىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامبودژا باش مىنىستىرى خۇ سەن خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، سىھانوكۋىللە ئۆلكىسىدىكى رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى خىتاينىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتتى.

كامبودژا باش مىنىستىرى خۇ سەن يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «Fresh News» قا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ «Wall Street Journal» گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خىتايغا ھەربىي بازا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ كامبودژاغا قارشى ئوتتۇرىغا تاشلانغان ناچار خەۋەر. ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى كامبودژا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا چەت ئەللىكلەرگە ھەربىي بازا بېرىش قەتئىي چەكلىنىدۇ» دېدى.

كامبودژانىڭ باشقا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر خۇ سەن، «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇنداق بىرەر تېمىنى ھەرگىزمۇ سۆزلىشىپ باقمىدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئوتتۇرىدا بىرەر كېلىشىمنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلەپ يۈرۈشمۇ بېھۇدە بىر ئىش. بۇنداق بۇرمىلانغان خەۋەلەرنى بىزگە قارشى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىڭلار» دېگەن سۆزلىرى بىلەن «Wall Street Journal» گېزىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

«Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىلىق مەسئۇللار مەنبە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كامبودژا باش مىنىستىرى خۇ سەننىڭ خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشى تۈزۈپ، رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتايغا 30 يىللىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ۋە كېلىشىمنىڭ ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

خەۋەردە خىتاينىڭ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق مەزكۇر ھەربىي بازىدا پاراخوت، قورال ياراق ۋە ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

 

كامبودژا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ 53ماددىسىدا بولسا، كامبودژا چېگراسى تەۋەلىكى ئىچىدە چەت ئەللىك ئەسكەرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلماسلىق، كامبودژا ئەسكەرلىرىنىڭمۇ ب د ت نىڭ تەلىپى بولمىغان ئەھۋالدا، چەت ئەللەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەسىلىكى بەلگىلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر