ھىندىستان 2 - كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەردى

ھىندىستان «چاندىرايان 2- كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسى» نى ئاندىرا پىرادېش ئۆلكىسىدىكى ساتىش داۋام ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى.

1240185
ھىندىستان 2 - كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئالەم قاتنىشى تەتقىقات تەشكىلاتى «ISRO» ئۆتكەن ھەپتە تىخنېكىلىق مەسىلە كۆرۈلىشى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلىشى كېچىكتۈرۈلگەن «چاندىرايان 2- كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسى» نى بۇ قېتىم غەلىبىلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۇنئىي ھەمراھ، قونۇش سۇپىسى ۋە كۈزەتكۈچى ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «چاندىرايان 2- كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسى» ئالدى بىلەن سۇنئىي ھەمراھىنى ئاينىڭ ئوربىتىگە قويۇپ بېرىپ، ئاندىن ئاينىڭ قاراڭغۇ يۈزىگە كۈزەتكۈچى ئاپتوموبىلنى قوندۇرىدۇ. كۈزەتكۈچى ئاپتوموبىل ئاينىڭ جەنۇبىي قۇتۇبقا توغرا كېلىدىغان زېمىن قىسمىنى خەرىتەلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مېنېراللارنى ئانالىز قىلىدۇ ۋە رايوندا سۇ ئىزدەيدۇ. 

«چاندىرايان 2- كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسى» نىڭ 2 توننا 400 كېلو ئېغىرلىقتىكى سۇنئىي ھەمراھى ئاي ئوربىتىدە بىر يىل بويىچە بايقاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.  

سۇنئىي ھەمراھ قونۇش سۈپىسى ۋە كۈزەتكۈچى ئاپتوموبىلىدىن تەشكىل تاپقان كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسىنىڭ سۇنئىي ھەمراھىنى ئاي ئوربىتىدە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن سىنتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زېمىنغا قايتىپ چۈشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھىندىستاننىڭ «چاندىرايان 1- كۆزەتكۈچى ئالەم كېمىسى» 2008يىلى ئايغا يوللانغان بولۇپ، 2014يىلى مارسقا سۇنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر